بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ سَأَلَ سَآئِلٌۢ بِعَذَابٍۢ وَاقِعٍۢ ﴿1﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى(1).
محمد صالح
بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى
لِّلْكَٰفِرِينَ لَيْسَ لَهُۥ دَافِعٌۭ ﴿2﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ(2).
محمد صالح
ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ
مِّنَ ٱللَّهِ ذِى ٱلْمَعَارِجِ ﴿3﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇ (ئازاب) ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان(3).
محمد صالح
ئۇ (ئازاب) ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى اﷲ تەرىپىدىن بولغان
تَعْرُجُ ٱلْمَلَٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ إِلَيْهِ فِى يَوْمٍۢ كَانَ مِقْدَارُهُۥ خَمْسِينَ أَلْفَ سَنَةٍۢ ﴿4﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ(4).
محمد صالح
پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) اﷲ قا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ
فَٱصْبِرْ صَبْرًۭا جَمِيلًا ﴿5﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن(5).
محمد صالح
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن
إِنَّهُمْ يَرَوْنَهُۥ بَعِيدًۭا ﴿6﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ(6).
محمد صالح
ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ
وَنَرَىٰهُ قَرِيبًۭا ﴿7﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز(7).
محمد صالح
بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز
يَوْمَ تَكُونُ ٱلسَّمَآءُ كَٱلْمُهْلِ ﴿8﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ(8).
محمد صالح
ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ
وَتَكُونُ ٱلْجِبَالُ كَٱلْعِهْنِ ﴿9﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ(9).
محمد صالح
تاغلار ئېرىتىلگەن رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ
وَلَا يَسْـَٔلُ حَمِيمٌ حَمِيمًۭا ﴿10﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ(10ـ14).
محمد صالح
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم - قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ
يُبَصَّرُونَهُمْ ۚ يَوَدُّ ٱلْمُجْرِمُ لَوْ يَفْتَدِى مِنْ عَذَابِ يَوْمِئِذٍۭ بِبَنِيهِ ﴿11﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ(10ـ14).
محمد صالح
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم - قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ
وَصَٰحِبَتِهِۦ وَأَخِيهِ ﴿12﴾

وَفَصِيلَتِهِ ٱلَّتِى تُـْٔوِيهِ ﴿13﴾

وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًۭا ثُمَّ يُنجِيهِ ﴿14﴾

كَلَّآ ۖ إِنَّهَا لَظَىٰ ﴿15﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر(15).
محمد صالح
ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر
نَزَّاعَةًۭ لِّلشَّوَىٰ ﴿16﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
(يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ(16).
محمد صالح
(يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ
تَدْعُوا۟ مَنْ أَدْبَرَ وَتَوَلَّىٰ ﴿17﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ(17ـ18).
محمد صالح
ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل - مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ
وَجَمَعَ فَأَوْعَىٰٓ ﴿18﴾

۞ إِنَّ ٱلْإِنسَٰنَ خُلِقَ هَلُوعًا ﴿19﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى(19).
محمد صالح
ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى
إِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ جَزُوعًۭا ﴿20﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر(20).
محمد صالح
ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر
وَإِذَا مَسَّهُ ٱلْخَيْرُ مَنُوعًا ﴿21﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر(21).
محمد صالح
بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر
إِلَّا ٱلْمُصَلِّينَ ﴿22﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر(22ـ23).
محمد صالح
پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
ٱلَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ دَآئِمُونَ ﴿23﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر(22ـ23).
محمد صالح
پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
وَٱلَّذِينَ فِىٓ أَمْوَٰلِهِمْ حَقٌّۭ مَّعْلُومٌۭ ﴿24﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ(24ـ25).
محمد صالح
ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ
لِّلسَّآئِلِ وَٱلْمَحْرُومِ ﴿25﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ(24ـ25).
محمد صالح
ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ
وَٱلَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوْمِ ٱلدِّينِ ﴿26﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار قىيامەت كۈنىگە تەستىق قىلىدىغانلاردۇر(26).
محمد صالح
ئۇلار قىيامەت كۈنىگە تەستىق قىلىدىغانلاردۇر
وَٱلَّذِينَ هُم مِّنْ عَذَابِ رَبِّهِم مُّشْفِقُونَ ﴿27﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر(27).
محمد صالح
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر
إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمْ غَيْرُ مَأْمُونٍۢ ﴿28﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (ئاللاھ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر(28).
محمد صالح
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (اﷲ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَٰفِظُونَ ﴿29﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر(29).
محمد صالح
ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر
إِلَّا عَلَىٰٓ أَزْوَٰجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَٰنُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ ﴿30﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، (ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلار) مالامەت قىلىنمايدۇ(30)،
محمد صالح
پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، (ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلار) مالامەت قىلىنمايدۇ،
فَمَنِ ٱبْتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْعَادُونَ ﴿31﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
(جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر(31).
محمد صالح
(جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِأَمَٰنَٰتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَٰعُونَ ﴿32﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر(32).
محمد صالح
ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
وَٱلَّذِينَ هُم بِشَهَٰدَٰتِهِمْ قَآئِمُونَ ﴿33﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر(33).
محمد صالح
ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر
وَٱلَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ ﴿34﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار نامىزىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر(34).
محمد صالح
ئۇلار نامىزىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر
أُو۟لَٰٓئِكَ فِى جَنَّٰتٍۢ مُّكْرَمُونَ ﴿35﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەت قىلىنغۇچىلاردۇر(35).
محمد صالح
ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەت قىلىنغۇچىلاردۇر
فَمَالِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ قِبَلَكَ مُهْطِعِينَ ﴿36﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ(36ـ37).
محمد صالح
(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ - سول تەرىپىڭدە توپ - توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ
عَنِ ٱلْيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ عِزِينَ ﴿37﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ(36ـ37).
محمد صالح
(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ - سول تەرىپىڭدە توپ - توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ
أَيَطْمَعُ كُلُّ ٱمْرِئٍۢ مِّنْهُمْ أَن يُدْخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٍۢ ﴿38﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟(38)
محمد صالح
ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟
كَلَّآ ۖ إِنَّا خَلَقْنَٰهُم مِّمَّا يَعْلَمُونَ ﴿39﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ياق (يەنى ئۇلار جەننەتكە مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ). شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىلەردىن ياراتتۇق(39).
محمد صالح
ياق (يەنى ئۇلار جەننەتكە مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ). شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىلەردىن ياراتتۇق
فَلَآ أُقْسِمُ بِرَبِّ ٱلْمَشَٰرِقِ وَٱلْمَغَٰرِبِ إِنَّا لَقَٰدِرُونَ ﴿40﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز(40ـ41).
محمد صالح
مەشرىقلارنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە اﷲ قا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز، بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز
عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ خَيْرًۭا مِّنْهُمْ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ ﴿41﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز(40ـ41).
محمد صالح
مەشرىقلارنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە اﷲ قا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز، بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز
فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا۟ وَيَلْعَبُوا۟ حَتَّىٰ يُلَٰقُوا۟ يَوْمَهُمُ ٱلَّذِى يُوعَدُونَ ﴿42﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
(ئى مۇھەممەد) ئۇلارنى قويۇۋەتكىن، تاكى ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن، (دۇنياسىدا) ئوينىسۇن(42).
محمد صالح
(ئى مۇھەممەد) ئۇلارنى قويۇۋەتكىن، تاكى ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن، (دۇنياسىدا) ئوينىسۇن
يَوْمَ يَخْرُجُونَ مِنَ ٱلْأَجْدَاثِ سِرَاعًۭا كَأَنَّهُمْ إِلَىٰ نُصُبٍۢ يُوفِضُونَ ﴿43﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ(43).
محمد صالح
ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ
خَٰشِعَةً أَبْصَٰرُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌۭ ۚ ذَٰلِكَ ٱلْيَوْمُ ٱلَّذِى كَانُوا۟ يُوعَدُونَ ﴿44﴾
Uyghur Translation - Muhammad Saleh
ئۇلار (ئاللاھتىن ئۇيىلىپ) يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر(44).
محمد صالح
ئۇلار (اﷲ تىن ئۇيىلىپ) يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر